1 / 11
Page 1 of 11.
نۇرمۇھەممەت ئۆمەر
ئۆرۈپ – ئادەت بىر مىللەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئۇ بەزىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئۆرۈپ – ئادەتنىڭ بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىشىدىكى، ئاسسىمىلياتسىيەدىن ساقلاپ قېلىشتىكى رولىنى بىز، مانجۇ ۋە تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنى ياخشىراق كۈزەتسەكلا ئۆرۈپ – ئادەتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى مەزمۇنلار، ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى. شانلىق مەدەنىيتىمىزنىڭ ئىجادچىسى بولغان تۆھپىكار ئەجداتلىرىمىز تارىخىتىن بۇيان نۇرغۇن ئېسىل مەدەنىيەت نەمۇنىللىرىنى ياراتقان. بۇ جەرياندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈرلۈك ئىرق، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيتىنىمۇ ئۆزلەشتۈرگەن.
ئاپتۇۋا – چىلاپچا، يوسۇنلىرىمىز ئىچىدىكى تارىخىي نىسبەتەن ئۇزۇن، ئەجداتلىرىمىزنىڭ باشقا دۆلەت، مىللەت مەدەنىيتىدىن مۇستەسنا ھالدا بارلىققا كەلتۈرگەن، چوڭ – كىچىك مۇراسىم مەدەنىيتىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان، ئەڭ كەڭ ئومۇمىيلاشقان مەدەنىيەت ئەنئەنسى.
بىز تۈرلۈك مۇراسىم پائالىيەتلىرىمىزدە ۋە ياكى ئاددىي مىھماندارچىلىقلىرىمىزدا مېھمان ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆي ئىچى، بالا – چاقا، نەۋرە – چەۋرىلەرنىڭ خاتېرجەملىكى ئۈچۈن دۇئا بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ساھىبخان بىر قولىدا ئاپتۇۋا يەنە بىر قولىدا چىلاپچا، مۆرسىدە ياكى بىلىكىدە لۆڭگە كۆتۈرۈپ مېھماننىڭ ئالدىغا چىلاپچىنى قويۇپ يېرىم ئېڭىشكەن ھالدا ئاپتۇۋىدىكى سۇنى مېھماننىڭ قولىغا ئاز- ئازدىن قۇيىدۇ. قول يۇيۇش (قول چايقاش) چوقۇم ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم بولىدۇ.
ئاپتۇۋا ـــ چۆگۈنگە ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يىرى بويى سەل ئېگىز، ئۇزۇنچاق بولىدۇ. ئېگىزلىگى ئادەتتە 30-50 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. قورساق قىسمى چۆگۈندەك يۇمۇلاق ئەمەس سوزۇنچاقراق بولىدۇ. قورساق قىسمىغا تۈرلۈك نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن بولىدۇ. باش قىسمى چۆگۈنگە ئوخشاش تۇتقۇچىغا چېتىقلىق بولۇپ، سۇ قۇيغان ۋە سۇنى تۆككەن چاغدا ئاپتۇۋا ئېغىزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئاپتۇۋىنىڭ چۆگۈندىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان ئەڭ روشەن ئالاھىدىلگى ئۇنىڭ جوغىسى. ئاپتۇۋا جوغىسى ناھايىتى نەپىس. جوغىسىنىڭ سۇ چۈشىدىغان قىسمىغا نىپىز «تىلچاق» قوشۇپ قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى جەھەتتە ئەھمىيتى بار:
(1) مىھماننىڭ ئىززىتى: مىھماننىڭ قولغا سۇ بەرگەندە، سۇنىڭ چېچىلىپ كېتشى ياكى سۇنىڭ كۆپ چۈشۈپ كېتىپ مېھمانغا ھۆرمەتسىزلىك تۇيغۇسى بېرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولدۇ. (2) رايۇنىمىزدەك سۇ قىس، قۇرغاق رايۇنغا نىسبەتەن سۇنى ھەددىدىن زىيادە ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك، تېجەشلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
چىلاپچا ـــ يۇمۇلاق چەمبەرسىمان ياسىلدۇ. ئادەتتە دىئامېتىرى 30-40 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. قۇرۇلما جەھەتتىن پۇتبول مەيدانىغا بەكرەك ئوخشاپ كېتىدۇ. چۆرىسى ئېگىزرەك ئوتتۇرسى پەسرەك. بۇنداق بولىشى چىلاپچىغا چۈشكەن سۇنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشى ئۈچۈندۇر. چىلاپچىنىڭ ئوتتۇرسىدا يەنە چىرايلىق نەقىشلەنگەن ھەرە كۆنىكىگە ئوخشاش «ياپقۇچ» ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ياپقۇچنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھمىيتى بار:
1) مېھماننىڭ قولىغا سۇ بەرگەندە چىلاپچىغا ئېقىپ چۈشكەن سۇنىڭ زىيادە چاچراپ، كىيىم-كېچەك ۋە ئەتراپنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. (2) چىلاپچىغا يىغىلىپ چۈشكەن سۇ (يۇندا)نىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىپ قويشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
چىلاپچىغا سۇ يىغىلىدىغان قىسمى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. سەۋەبى ۋاقتى-ۋاقتىدا سۇنى (يۇندىنى) تۆكۈپ تازىلاپ، پاكىز بولشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. چىلاپچىنىڭ ئاستى قىسمى ئۈستى قىسمىغا سىمىترىك بولۇپ كىچىكرەك ياسىلدۇ. ئادەتتە 15-20سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
چىلاپچىنىڭ ياپقۇچ قىسمى ۋە يۈز قىسمىغا چىرايلىق نەقىشلەر ئويۇلىدۇ. لېكىن بەك زىچ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. ئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچىنى ئايرىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مېھماندارچىلىقمىزدىكى بۇ گۈلدانلەر مەڭگۈ سېھرىي كۈچىنى ۋە ئەھمىيتىنى يوقاتمىغاي.
Source: Uyghur akademiye
Drag the words into the correct boxes.
تېكستكە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى قايسى بايانلار توغرا؟
نېمە ئۈچۈن ئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچىنى ئايرىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى «مىڭجى» يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى باشلانغاندا، ياپۇنىيەلىك ئىككى ئوقۇغۇچى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت ئەنگىلىيەنىڭ ئوكسڧورد ئۈنۋىرسىتېتىغا سانائەت پەنلىرىنى ئوقۇشقا چىقىپتۇ. ئۇلار ئەنگىلىيەنىڭ گۈللەنگەن سانائىتىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپتۇ. ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائەت ئاساسىنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈشۈپتۇ. سانائەت بىر دۆلەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ئاساسى، شۇنداقلا كۈچ – قۇدرەتنىڭ نامايەندىسى بولغاچقا، بۇ نۇقتىنى چۇڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن ياپۇنىيەلىك بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى ئەنگىلىيەلىك ساۋاقداشلىرىدىن نەچچە ھەسسە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ زايە قىلماي دېگۈدەك بېرىلىپ ئۆگىنىپتۇ. بىر تىيىن پۇلنىمۇ بىھۇدە خەجلىمەي سانائەتكە ئائىت چېرتىيوژلارنى توپلاپتۇ. ئۇلار ئوكسڧورد ئۈنۋىرسىتېتىدىكى ئوقۇشنى ناھايىتى جاپادا، ئەمما ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك تاماملاپ، دوكتۇرلۇق تاجىنى باشلىرىغا كىيىشىپ، يۈك- تاقلىرىنى تېڭىشىپ ئانا ۋەتىنى ياپۇنىيەگە قايتىشقا جابدۇنۇپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئەنگىلىيە تاموژنىسى ئولارنىڭ توپلىغان ماتېريال – چىرتيوژلىرىنى چېگرادىن ئېلىپ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلماپتۇ. بۇ ئىككى ياپۇنىيەلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر بولغان بۇ ماتېرىيالارنى تاشلاپ قويغۇسى كەلمەپتۇ. نائىلاج قالغان بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى ئاخىر كىشىنىڭ پاراسىتى ۋە جاسارىتىدىن تاشقىرى بىر ئامالنى ئويلاپ تېپىپتۇ. ئىككىسى بىر نىيەت، بىر مەخسەتكە كېلىپ پۈتۈشۈپتۇ. ئۇلار مەردانىلىك بىلەن چەك تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بىرى ئۆلۈم يولىنى تاللاپتۇ. يەنە بىرى، ئۆلگۈچىنىڭ قورساق بوشلۇقىنى پاك- پاكىز ئادالاپ ئىچىگە ئەڭ زۆرۈر ماتېرياللارنى قاچىلاپ تىكىپتۇ. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئوپېراتسىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن، جەسىتىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېتىپ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرمىسەم بولمايدۇ، دەپ مەلۇم قىلىپ، پاراخوت بىلەن ياپۇنىيەگە قايتۇرۇپ كېتىپتۇ.
ياپۇنىيەلىك بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ئىككىلەنمەي جان پىدا قىلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ. بىز ئادەتتە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋەتەن ھەققىدە گەپ ساتىدىغان كىشىلەرنى كۆپ كۆرىمىز، ئەمما كۆپىنچىمىز ھالقىلىق پەيتتە باشقىلارنىڭ بەدەل تۆلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئۆزىمىز بولسا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرىۋالىمىز. ناپالېئون مۇنداق قارىغان: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۇكسەك ئەخلاقى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ۋەتەننى سۆيۈشتۇر.» شۇنداق، ۋەتەنپەرۋەرلىك يۈكسەك روھ، بۇنداق يۈكسەك روھ ھەممىلا كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدا بولۈۋەرمەيدۇ. «ۋەتەن!» دەپ ۋارقىراپ قويۇش چوڭ گەپ ئەمەس، ۋەتەن ئۈچۈن پىداكار بولۇش قالتىس ئىش. يىراقتا تۇرۇپ ۋەتەننى سېغىنىش ئالاھىدە ئىش ئەمەس، ۋەتەن ئۈچۈن ئەلەم چېكىش قالتىس ئىش. پۇقرالىق قىلىپ ئەل قاتارى ياشاش مۈشكۈل ئىش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېچ گەپ ئەمەس، ۋەتەن ئۈچۈن كۆرەش قىلىش قالتىس ئىش
Source: Uyghur akademiye
Drag the words into the correct boxes
تېكستكە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى قايسى بايانلار توغرا؟
بۇ ھېكايىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى نېمە؟
1 / 11
Page 1 of 11.